Sunday 27 September 2009

Məşrəp



ئانا يۇرتۇم ئارا تۆھپە
مىراس بىباھا مەشرەپ
بۇ غۇلغان دەم نەپەسلەرگە
شىپالىق ساپ ھاۋا مەشرەپ

كامالەت تاپتى قويۇڭدا
مۇقام ئەلنەغمە جانبازلىق
ئەزەلدىن زاتى ئۇيغۇرغا
ئىجازەتسىز راۋا مەشرەپ

بېغى سەن قان - قېرىنداشلىق
ئىناقلىق جان كۈيەرلىكنىڭ
ھوسۇل بەھرىڭ ئاداۋەتلىك
جاراھەتكە داۋا مەشرەپ

يەنە سەن كانتا سەيناسى
ئۇلۇغ ئىنسانە خىسلەتنىڭ
سېنىڭدە ئەنئەنە رەسمى
يۇسۇن شەرمى - ھايا مەشرەپ

يەنە يۈكسەل قوياشتەك
پارلىسۇن پاك روھى مىللەتنىڭ
باغاش ئەتسۇن بۇ ئالەمنى
ئىسىل نەغمە ناۋا مەشرەپ


3 comments:

  1. Hiçbir şey değil! Can you read the script?

    ReplyDelete
  2. Sort of, i cannot really read it if I'm not listening to the song XD.

    ReplyDelete