Wednesday 16 September 2009

ئاشىق بولدۇم - I'm in love



ئاشىق بولدۇم يارىمگە
كۆزلەرى خۇمارىمگە
مۇڭ جان بەرسەن ئەرزىمەس
كۆڭلۈم چۈشكەن يارىمگە
مۇڭ جان بەرسەن ئەرزىيدۇ
ئىشقىم چۈشكەن يارىمگە

دەريا قايگە ئاقادۇ
يارنىڭ كۆڭلى خاپادۇ
يۈرەكتىن سۆيگەن يارلار
ئەمدە كىمگە باقادۇ

لەۋلىم جانىم لەۋلىرىڭىز
ئىگىلىپ سۇنماس بەللىرىڭىز
يۈرىگىمنى كۆيدۈرۈپ
ئەجەپ تۈگىمىدى دەتلىرىڭىز
يۈرىگىمنى كۆيدۈرۈپ
نىمىدا تۈگىمەيدۇ دەتلىرىڭىز

بىزنىڭ يارنىڭ كەپتىرى بار
خەت يازىدىغان دەپتىرى بار
بىر يېشىكتە گەپلىرى بار
ھەر ھەپتىدە بىر كەلسەم
ساقلاپ قويغان گەپلىرى بار

لەۋلىم جانىم لەۋلىرىڭىز
لېۋىڭىز نېگىدە مەڭلىرىڭىز
ئاھ يۈرۈگۈمنى كۆيدۈرۈپ
ئەجەپ تۈگىمىدى دەتلىرىڭىز
ئاھ يۈرۈگۈمنى كۆيدۈرۈپ
نىمىدا تۈگىمەيدۇ دەتلىرىڭىز

No comments:

Post a Comment