Wednesday 16 September 2009

شۇ چاغلار - The bygone days


بۇلبۇللار سايرىشارمۇ
گۈلشەن بولمىسا
قىز يىگىتلەر ئىزدىشەرمۇ
مەيلى بولمىسا

ھېچبىر كىشى ناخسا ئېيتماس
دەردى بولمىسا
مۇھەببەت ئوتى يۈرەكنى
پارە قىلمىسا

بۇلبۇللار سايرىشار
گۈلشەنلەر ئارا
شوخ گۈللەر تەۋرىشەر
مەيىن بولمىسا

سەن كەتتىڭ، مەن قالدىم
غەمكىن شۇ چاغلار
خوش دېگەن ئاۋازىڭ
ھېلى يادىمدا

No comments:

Post a Comment